كۈندىلىك ئاڭلىتىش
كۈندىلىك ئاڭلىتىش
RFA
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى خەۋەرلىرى، خەلقارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلىرى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 28-ئاۋغۇست)
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئوبزورچى يالقۇن روزى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خىتاي دائىرىلىرى چەت ئەللىك تاراتقۇ خادىملىرىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىدى. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مەھەللە ئويۇنلىرى پائالىيىتىگە مىڭلارچە بالا قاتناشتى. پاترىك پۇن: خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان. ئەزەربەيجان قارا تىزىملىكتىكى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشماقتا. 11-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئەرەبچە كىتاب يەرمەنكىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.  يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى»دە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىندى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Aug 28
15 min
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 21-ئاۋغۇست)
خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چېگرا ھالقىغان بېسىم ھەرىكەتلىرى كۈچەيمەكتە. يېڭى كىتاب «شىنجاڭ تەرتىپى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى پاش قىلدى. ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋېنگىرىيەدىكى 9-نۆۋەتلىك «ماجار-ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيى»غا قاتناشتى. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خەلقمۇ؟ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Aug 21
15 min
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 14-ئاۋغۇست)
قەشقەردىكى بىر ياتاقلىق يەسلىدىكى بەش بالىنىڭ پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ت د ت دىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىزىقىش قوزغىدى. ئۆمەر قانات: خىتاينىڭ يېڭى چېگرا نىزامى خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈندۇر. ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا. جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئالقىشلىدى، خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پروفېسسور، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ يېڭى ئاكادېمىك كىتابى ئىنگلىزچە نەشىر قىلىندى Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Aug 14
14 min
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىلى 7-ئاۋغۇست)
«سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ ۋاپات بولدى. ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى. رەھىمە مەھمۇت «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تىبەت قەھرىمانى لوبگا زاڭزېننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى. ئادريان زېنز: يەنە 43 خىتاي كارخانىسى چەكلەش تىزىملىكىگە كىردى، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمى يەنىلا زور. مەمەت توختى: خىتاي ئۆزىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزغان «ئۇزۇن قولى»نى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى. جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا كەم دېگەندە 143 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Aug 7
30 min
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 31-ئىيۇل)
سابىق ساقچى جاڭ يابونىڭ خوتەن خانئېرىقتا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى دەلىللەندى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يەكەن قەتلىئامىنىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. گېرمانىيە ئاخباراتى سابىق خىتاي ساقچىسى بىلەن سابىق ئۇيغۇر تۇتقۇننى يۈزلەشتۈردى. ئامېرىكىدا خىتاي زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەيدىغان خاتىرە ساراي تەسىس قىلىنماقچى. تۈرك يازغۇچى تاھا كىلىنچ خىتايپەرەس مۇخبىرلارنى قامچىلىدى: «نومۇسسىزلار». ماراكەش دائىرىلىرى دولقۇن ئەيسانى چېگرادا تۇتۇپ قېلىپ قايتۇرىۋەتتى. ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى "ئۈزۈلمەس رىشتە - ئۇيغۇر مۇنبىرى" ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"غا قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.  Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Jul 31
14 min
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 24-ئىيل)
گېرمانىيىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئارافات ئادىل تۈركىيەنىڭ ئىگە چىقىشى بىلەن ساق-سالامەت ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. ئارافات ئادىلنى چېگرادىن چىقىرىش قارارىنى گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋۇرتېمبېرگ شتاتىدىكى كارلسرۇھې ھۆكۈمىتى چىقارغانلىقى ئايدىڭلاشتى. ئەنۋەر ئەھمەت: ئارافاتنىڭ تۈركىيەگە قايتىشى خىتاينىڭ مەرھەمىتىدىن ئەمەس، خەلقئارانىڭ بېسىمىدىن بولدى. مۇنەۋۋەر ئابدۇللا زوردۇن سابىر ۋە «ئانا يۇرت» رومانىنى «جورجىئا تەقرىزى»دە تونۇشتۇردى. ئىستانبۇلدا 18-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. دىلنۇر رەيھان: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى. دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرى پرېزىدېنت ترامپتىن خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نىڭ ۋەھىمىلىك تەسىرى ھەققىدە توختالدى.  Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Jul 24
30 min
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 17-ئىيۇل)
ئاجىز گۈلجەننەت كامىلنىڭ تەڭرىتاغ رايونلۇق قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. خىتاي ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەدازلاشتا ئامېرىكىلىق بالىلارنىمۇ سۇيىئىستېمال قىلماقتا. ئامېرىكىدا دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تۇغلۇق ئابدۇرازاق ۋە گۈلناز ئابدۇقادىرنىڭ كىتابلىرى دىققەت قوزغىماقتا. تۈركىيەگە مال سالغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. ئىلشات ھەسەن كۆكبۆرە: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەيۋەن تەشۋىقاتىغا سېلىشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Jul 17
15 min
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 10-ئىيۇل)
«شىنجاڭ» ھەربىي رايونى مۇئاۋىن قوماندانىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. رابىيە قادىر خانىم ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزاكىرە يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى. گۈلچېھرە خوجا تەيبېيدىكى خەلقئارالىق يىغىندا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇردى. خىتاينىڭ پاكىستاندىكى «خالىسانە» داۋالىشى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى قىزىقتۇرالمىدى. 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 17 يىلى: «ئۇنتۇمايمىز، ئۇنتۇلدۇرمايمىز!». لوبگا راڭزېننىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ئۇيغۇر دىياسپوراسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. تاھىر ئىمىن «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئوبزور ئېلان قىلدى: «دۇنيا ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتتى» Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Jul 10
15 min
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 3-ئىيۇل)
مەمەتقۇربان رېھىم: ئۈرۈمچىدىكى ھەدەم مەريەم رېھىمدىن 3 ئايدىن بېرى خەۋەر يوق. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىر قىسىم دورا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تەكشۈرمەكتە. ۋاشىنگتون ۋە ئامىستېرداملاردا خىتايغا قارشى كۆپ مىللەتلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدەتتى. شۋېتسىيەدە مەرھۇم ناخشىچى كۈرەش كۆسەننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئوچۇق خەت يېزىپ خىتاينى جىددىي ئاگاھلاندۇردى. شەرقىي تۈركىستاندا يازلىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلاندى. ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق بازىرىغا ئايلانماقتا. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Jul 3
15 min
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرى (2026-يىل 26-ئىيۇن)
شەرقىي تۈركىستاندا يەنە «مەسىلىلەر»نى 30 يىل ئارقىغا ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش دولقۇنى قوزغالغان. ئارسلان ھىدايەت: خىتاي خەلقئارا چەكلىمىلەرنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ چېگرا ھالقىغان قولىنى ئۇزارتىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە بىر رايون باشلىقى: خىتاي كونسۇلى بىلەن سۆھبىتىمدە ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق گەپ قىلمىدىم. تونۇلغان ژۇرنالىست گۈلچېھرە غوجانىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئالقىشلار ئىچىدە داۋام قىلماقتا. پائالىيەتچى رۇشەن ئابباس كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ياۋروپا پارلامېنتى دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. خىتايلارنىڭ شىخەنزە شەھىرىدكى كوللېكتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى. ۋولكېرت تۈرك خىتاينى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى»نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى. Hosted on Acast. See acast.com/privacy for more information.
Jun 26
14 min
Load more